شەنتوپ ئۇكرائىنا ھەيئىتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ باشلىقى مۇستافا شەنتوپ قارا دېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پارلامېنت مەجلىسى يىغىنىدا، ئۇكرائىنا ھەيئىتىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.

1983007
شەنتوپ ئۇكرائىنا ھەيئىتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئولگا تىموفېۋا قارا دېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پارلامېنت مەجلىسى (BSEC) نىڭ 30-يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆز قىلىۋاتقاندا، بايراق بىلەن نامايىش قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى مۇستافا شەنتوپ تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ساھىبخانلىق قىلغان يىغىندا، ئۇكرائىنا ۋەكىللىرى ئىچىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىنى ۋە باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «مەن رايونىمىزدىكى مەسىلىلەرنى دىيالوگ ئاساسىدا ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، بىزنى بىر يەرگە جەم قىلغان يىغىندا، مۇشۇنداق كۆڭۈلسىز ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ۋەقەنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىمدىن قايغۇردۇم. مەن تۈركىيە بەرپا قىلماقچى بولغان تىنچلىق مۇھىتىنى قالايمىقانلاشتۇرغان بۇ قىلمىشنى ئەيىبلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر