چەت ئەللەردە سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى رېكورت سەۋىيەگە يەتتى

چەت ئەللەردىكى سايلىغۇچىلارنىڭ 713 مىڭ 609 ى 14-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى بىلەن 28 - نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلىمى ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.

1981628
چەت ئەللەردە سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى رېكورت سەۋىيەگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، 1-ماي ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 23:59 گىچە چەت ئەللەردىكى سايلىغۇچىلاردىن 660 مىڭ 732 سى تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا – كونسۇلخانىلىرىدا، 52 مىڭ 877 سى تاموژنا ئېغىزلىرىدا بولۇپ، جەمئىي 713 مىڭ 609 كىشى بېلەت تاشلىغان.

گېرمانىيەدە 2018-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلامدا 212 مىڭ 121 كىشى بېلەت تاشلىغان بولسا، بۇ يىل 14-ماي سايلىمى ئۈچۈن دەسلەپكى بەش كۈندىلا 290 مىڭ 430 كىشى بېلەت تاشلىغان ۋە سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى %36.92 كە يەتكەن. ئوخشاش ۋاقىتتا، سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى ئاۋستىرىيەدە %71.32، فىرانسىيەدە %59.23 ئېشىش كۆرۈلگەن.

تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلاش 14-ماي يەكشەنبە كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى 17.00 دە ئاخىرلىىشدۇ. ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلاردا بولسا 9-ماي ئاخىرلىشىدۇ. چەت ئەللەردىكى سايلىغۇچىلار دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ 24 سائەت بېلەت تاشلىيالايدۇ.

چەت ئەللەردە نوپۇسى بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان 3 مىليون 416 مىڭ 98 سايلىغۇچى بار بولۇپ، تۇنجى قېتىم سايلامغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى 277 مىڭ 646 كىشى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر