چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ھەمبەھىرلىدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ: «تۈركىيە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى تىنچلىقنىڭ ئۈمىدىدۇر!» ناملىق يازمىسىدا تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يەر شارى ئاشلىق كرىزىسىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1981230
چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى: تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقى، تەشەبىبۇسكارلىقى، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئۈنۈملۈك تاشقى سىياسىتى» دېگەن ئۇچۇرى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ 2022-يىلى 24- فېۋرالدىن بۇيانقى ئۇرۇش جەريانىدا داۋاملاشتۇرىۋاتقان تەشەببۇسلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

چاۋۇشئوغلۇ ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تۇنجى قېتىم ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى يىغىنىدا بىر يەرگە جەم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە ئىستانبۇلدا سۆھبەت كومىتېتلىرىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز ب د ت بىلەن ئىستانبۇل ئاشلىق كېلىشىمىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، يەر شارى ئاشلىق كرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇشىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ۋە رۇسىيە دۆلەت ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى (ROSATOM) بىلەن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (IAEA) ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىمۇ قولايلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ مونترېكىس ئەھدىنامىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن يولغا قويغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر