چاۋۇشئوغلۇ: «تۈركىيە سەھىيە خىزمەتلىرىدە دۇنيا بويىچە ئۈلگە دۆلەتكە ئايلاندى»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ قىلغان خىزمەتلىرى بىلەن ئەمدىلىكتە سەھىيە ساھەسى بويىچە دۇنياغا ئۈلگە دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1981032
چاۋۇشئوغلۇ: «تۈركىيە سەھىيە خىزمەتلىرىدە دۇنيا بويىچە ئۈلگە دۆلەتكە ئايلاندى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليانىڭ كونيائالتى ناھىيەسىدە قۇرۇلماقچى بولغان دۆلەت دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن تۇنۇقىدا: «قىلغان خىزمەتلىرىمىز بىلەن ئەمدىلىكتە تۈركىيە سەھىيە ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئۈلگە دۆلەتكە ئايلاندى» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 15 ۋە 16 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ سەھىيە سىستېمىسىنى دۇنياغا ئۈلگە كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى ساھەلەردىكىگە ئوخشاش سەھىيە ساھەسىدىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىنسانلارنىڭ ھېچقانداق ئايرىمچىلىققا ئۇچرىماستىن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ چەت ئەللەردە كېسەل ياكى يارىلانغان پۇقرالارنى مەملىكەتكە ئېلىپ كېلىپ داۋالىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ، داۋالىنىش ئۈچۈن تۈركىيەنى تاللىغان چەت ئەللىكلەرنىمۇ دۆلەتكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ سەھىيە، مۇرەسسەچىلىك  ۋە يۆتكەش ساھەسىدە ماركا دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز سۇداندا نۇرغۇن ئوخشىمىغان دۆلەت پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرماقتىمىز. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز بار ئىدى. ئىنشائاللاھ ئۇلارنى شۇ يەردىكى دوختۇرلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە تارقاقلاشتۇرىمىز.  ھېچكىشىنى ئارقىدا قويۇپ قويمايمىز» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ سەھىيە ساياھىتىدىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ، بولۇپمۇ يەر شارى خاراكتېرلىق يۇقۇمدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ سەھىيە ساھەسىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنىڭ تېخىمۇ ياخشى نامايان بولغانلىقىنى، ئەرەب ۋە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭمۇ كېسەللىرىنى تۈركىيەگە ئەۋەتىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر