ئاقار: تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن جەمئىي 5 تىرانسىپورت ئايروپىلانى ئەۋەتتۇق

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان سۇداندىن تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن 5 تىرانسىپورت ئايروپىلانى ئەۋەتكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1980434
ئاقار: تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن جەمئىي 5 تىرانسىپورت ئايروپىلانى ئەۋەتتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان سۇداندىن تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، «كوجا يۈسۈف» دەپ ئاتالغان «A400M» تىپلىق ئىككى ئايروپىلان بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 5 تىرانسىپورت ئايروپىلانى ئەۋەتكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

مىنىستىر ئاقار قەيسەرىدە بەرگەن باياناتىدا، سۇداندىكى ئارمىيە تەرەپ بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش مەسىلىلىرىگە دائىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، سۇداندا ھەرقايسى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئاقار بۇ توقۇنۇشلارنىڭ خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ خەتەرلىك ئەھۋاللار تۈپەيلى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز بىلەن بىرلىكتە سۇداندا ياشاۋاتقان پۇقرالىرىمىزنى تارقاقلاشتۇرۇش پىلانىنى تۈزدۇق ۋە بۇ پىلاننى يولغا قويۇشقا باشلىدۇق. بىر قىسىم پۇقرالىرىمىز ئېفىيوپىيە ئارقىلىق تارقاقلاشتۇرۇلدى.»

تارقاقلاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق جايلار ئۈچۈن پائالىيەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئاقار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پۇقرالىرىمىزنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن 5 ئايروپىلان ئاجراتتۇق. < C-130> تىپلىق ئۈچ ئايروپىلانىمىز ئارقىلىق خارتۇمنىڭ شىمالىدىكى ۋادى سەيىدنادىن 210 پۇقرامىزنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، «A400M» تىپلىق ئىككى ئايروپىلانىمىز سۇدان پورتىغا قوندى. ئۇ يەردە 250 پۇقرامىزنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. بۇ ئايروپىلانلاردىن بىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۇدان پورتىدىن پۇقرالىرىمىزنى تۈركىيەگە كەلتۈرىدۇ.»

ئايروپىلانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ئاقار، «پۇقرالىرىمىزنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈش خىزمىتى ئەتە كەچكىچە تاماملىنىدۇ». دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، مىنىستىر ئاقارنىڭ باياناتىدىن كېيىن، تۈنۈگۈن كەچتە سۇدان پورتىدىن يولغا چىققان تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەۋە <A400M> تىپلىق تارقاقلاشتۇرۇش ئايروپىلانى ئەنقەرە ۋاقتى كېچە 02:30 دە ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

تارقاقلاشتۇرۇلغان 170 تۈركىيە پۇقراسى تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن  ئىكەنلىكلىرىنى ئىزھار قىلىشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان سۇداندا قاپسىلىپ قالغان تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، تۇنجى تۈركۈمدىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار بىلەن بىخەتەر ھالدا تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «بارلىق پۇقرالىرىمىز تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەنگە قەدەر تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر