ئاقار تۆت تەرەپ يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تېررورلۇق بالايىئاپىتىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇش، رايوندا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1979627
ئاقار تۆت تەرەپ يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھاكان فىدان، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلى مەھمۇت ئابباس، ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد رېزا ئاستىيانى ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخبارات ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن موسكۋادا ئېچىلغان «تۆت تەرەپ يىغىنى» دا بىر يەرگە جەم بولدى.

خۇلۇسى ئاقار موسكۋادىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ۋنۇكوۋا ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارنىڭ يىغىن توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ تۆت تەرەپ يىغىنىدا ھەر خىل مەسىلىلەر بويىچە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھەر دائىم دەپ كەلگىنىمىزدەك، سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىمىزنى، بىزنىڭ سۈرىيەدە بولۇشىمىزنىڭ بىردىنبىر سەۋەبىنىڭ ئۇ يەردە ئۇۋا تۇتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ|پ ي د ۋە دائېش قاتارلىقلارغا قارشى كۈرەش ئىكەنلىكىنى، تېررورىستلارنى يوقىتىش ئۈچۈن خىزمەتلىرىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز. بۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدۇق» دېدى.

ئۇ يەنە بىر مەقسەتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن تۈركىيەگە قارىتا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان يېڭى كۆچ دولقۇنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىز بىلەن سۈرىيەدە ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئىجابىي، مۇقىم مۇھىتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ۋە ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۆلىتىمىزدە پاناھلىنىۋاتقان سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنى بىخەتەر، ئۆزى خالىغان ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىمىزنىمۇ يىغىن ئەھلىگە يەتكۈزدۇق» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:

«بىز تېررورلۇق بالايىئاپىتىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇش، دۆلىتىمىز، چېگرالىرىمىز ۋە پۇقرالىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، رايوندا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. بۇنىڭدا ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر