ئاقار بىلەن فىدان موسكۋادا

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھاقان فىدان موسكۋاغا يېتىپ باردى.

1979062
ئاقار بىلەن فىدان موسكۋادا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھاقان فىدان تۈركىيە-رۇسىيە-سۈرىيە-ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە ئاخبارات باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا يېتىپ باردى.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىنغا، مىنىستىر ئاقار  بىلەن تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھاقان فىدان، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېيتېنانت گېنېرال ئەلى مەھمۇد ئابباس، ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىرىگادا گېنېرالى مۇھەممەد رىزا ئاشتىيانىدىن سىرت يەنە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات باشلىقلىرىمۇ قاتنىشىدىكەن.

ئاقار يىغىن دائىرىسىدە ئىككى تەرەپلىك ئۇرىشىشلارنىمۇ ئېلىپ بارىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر