چاۋۇشئوغلۇ ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكانىڭ ئاتالمىش 1915-يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەرمەن دەۋالىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش ياكى ئاتىماسلىقىنىڭ قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

1979116
چاۋۇشئوغلۇ ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن (24-ئاپرېل) بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، كۈنتەرتىپ ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ تارىخ مەسىلىسىدە سىياسەتچىلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىنىڭ ئىنتايىن خاتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تارىخنى ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن ئوقۇش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بىزنىڭ تارىخىمىزدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەيدىغان بىر نەرسە يوق. بىز ھەممە يەرنى پەتھى قىلدۇق، باشقۇردۇق، ئەمما يەنە ئۇ يەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بۈيۈك مىراسلارنى قالدۇردۇق. ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ دىنى، تىلى ۋە مىللىي قۇرۇلمىسى بىلەن مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، بۇلارنى قوغداپ ياشاشنى داۋاملاشتۇرغان» دېدى.

ئۇ ئېمبارگولار سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ ئاشلىقىنى غەرب دۆلەتلىرىگە ساتالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيەنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئەگەر بىز بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساق-ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز-ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى يەنە بىر قېتىم ئۇزىراريدۇ، ئۇزىرىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، كىرىزىس يۈز بېرىدۇ» دېدى.

ئۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رول ئوينىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «مۇرەسسەچىلىك ئىشلىرىنى مەن قىلىۋاتىمەن، شۇڭا ھەممەيلەن ماڭا ھەۋەس قىلىۋاتىدۇ. بىز بولمىغان بولساق ئاشلىق كېلىشىمى تۈزۈلمەيتتى» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ پ ك ك|ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاۋاتقانلىقىغا ئىما قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«ئەلۋەتتە، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئامېرىكاغا ئىشەنمەيمەن. نېمىشقا ئىشىنىمەن؟ فىرانسىيەگىمۇ ئىشەنمەيمەن. قوش ئۆلچەم بار، ئىككى يۈزلىمىچىلىك بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر