چاۋۇشئوغلۇ: سۇداندىن ئاپتوبۇس بىلەن 1490 كىشىنى يولغا سالدۇق

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سۇداندىن 1380 تۈركىيە پۇقراسى ۋە 13 دۆلەتتىن 110 كىشىنى ئاپتوبۇس بىلەن يولغا سالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1978950
چاۋۇشئوغلۇ: سۇداندىن ئاپتوبۇس بىلەن 1490 كىشىنى يولغا سالدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سۇداندا ئارمىيە بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش سەۋەبىدىن، 1380 تۈركىيە پۇقراسى ۋە 13 دۆلەتتىن 110 كىشى بولۇپ جەمئىي 1490  كىشىنى ئاپتوبۇس بىلەن سۇداندىن يولغا سالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا بەرگەن باياناتىدا، سۇداندىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ ئۇزۇن داۋاملاشقانلىقىنى، شۇڭا بۇ دۆلەتنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ  بارغانسېرى قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇ دۆلەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بايان قىلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ كىمنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيەنىڭ سۇدان بىلەن ئىزچىل ياخشى ئۆتۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ دۆلەتتە توقۇنۇشلار باشلانغان ھامان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۇدان ئىگىلىك ھوقۇقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى، سۇدان ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھان ۋە سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ قوماندانى مۇھەممەد ھەمدان داگالۇ بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدىكى ئارزۇسىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.

سۇداندا ئۇدا بىر قانچە قېتىم ئۇرۇش توختىتىش قارارى چىقىرىلغان بولۇشىغا قارىماي، توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملاشقانلىقىنى، توقۇنۇشلارنىڭ شەھەر ئىچىدە كوچا توقۇنۇشلىرىىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ خارتۇمدىكى توقۇنۇشلاردا غايىبتىن كەلگەن بىر ئوقنىڭ تۈركىيەنىڭ خارتۇم ئەلچىخانىسىنىڭ دېرىزىسىگە تەگكەنلىكىنى، خارتۇمدىكى يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى بىناسى راكېتامىيوت چۈشكەنلىكىنى، ئەمما ئانچە چوڭ زىيان كۆرۈلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى مەنسۇپلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا تۈركىيە پۇقراسى قۇبىلاي دادۇكنىڭ 2 ياشلىق قىزى ئېلىننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن سۇداندا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىنىپ، ئۇرۇش توختىتىلغان ھامان بۇ دۆلەتتىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقلىرىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ  تۈركىيە پۇقرالىرىنى ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق يوللىرى ئارقىلىق تارقاقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى، تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئېفىيوپىيە ئارقىلىق تارقاقلاشتۇرۇش ئەڭ ياخشى چارە دەپ قاراۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ سۇداندىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئالاقىدار سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«سۇداندىن 1490 ئادەمنى ئاپتوبۇس بىلەن يولغا سالدۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 640 كىشى ئېفىيوپىيەگە يېتىپ باردى، 189 كىشى چېگرادىن ئۆتۈپ، ئەددىس ئەبېبەگە قاراپ يولغا چىقتى. پۇقرالرىمىزنى تۈركىيەگە ئايروپىلان ئارقىلىق كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز. ھازىر 850 كىشى سەپەر ئۈستىدە. ئەتە يەنە ئەگەر قالغان پۇقرالىرىمىز بار بولسا، ئۇلارنىمۇ ئاپتوبۇس بىلەن يولغا سالىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، سۇدان پورتىدىنمۇ 23 پۇقرامىز بىزگە ئىلتىماس قىلدى. تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئۇلار بىلەن تېلېفون ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغانىدى. كېيىن ئۇلار بىلەن تەكرار ئالاقىلاشتۇق. ئۇلارنى ئەتە كەچ سائەت 9 دا پاراخوت بىلەن جىددەگە يولغا سالىمىز. ئاندىن نۆۋەتچى ئايروپىلانلار بىلەن ئۇلارنى جىددەدىن دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىمىز. ئۇلارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بۈگۈن ئېفىيوپىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېمېكې مېكوننېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۈم.»

سۇدان مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەلى ئەسسادىق بىلەنمۇ دائىم تېلېفون ئالاقىسى قىلىپ تۇرۇۋۋاتقانلىقلىرىنى بايان قىلغان چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ قاپسىلىپ قالغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىر ماركا ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سۇداندىكى پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەنقەرەدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى، سۇداندىن تارقاقلاشتۇرۇلغان 1490 كىشىنىڭ ئىچىدە 13 دۆلەتتىن 110 كىشىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر