باش ئەلچى ئۆنال ئەرمەن ۋەكىللىرىنىڭ ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى سەدات ئۆنال، 1915- يىلىدىكى ۋەقەلەرگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن ئەرمەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1979013
باش ئەلچى ئۆنال ئەرمەن ۋەكىللىرىنىڭ ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى سەدات ئۆنال رۇسىيەنىڭ باشچىلىقىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە چاقىرىلغان «كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە ب د ت نىزامنامىسىنى خەلقئارا قانۇن بويىچە قوغداش» يىغىنىدا سۆز قىلىپ:  «مەن ئەرمەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرىنى قەتئىي رەت قىلىمەن. 1915- يىلىدىكى ۋەقەلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق كىشى ۋە تەرەپلەرنى تارىختىن دۈشمەنلىك ئىزدەشنىڭ ئورنىغا، تۈركىيەنىڭ بىرلەشمە تارىخ كومىتېتى قۇرۇش تەكلىپى بىلەن رايون خاراكتېرلىك تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئويلىشىشقا چاقىرىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر