خۇلۇسى ئاقار: «يېقىنقى 4 كۈن ئىچىدە سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 21 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى»
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدايېقىنقى 4 كۈن ئىچىدە ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلار سانىنىڭ 21 گە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
1978164
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خۇلۇسى ئاقار: «سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا شىرغا ئوخشاش قەھرىمان مەھمەتچىك ئەسكەرلىرىمىز تېرورچىلارنى كولىغان ئورەكلىرىگە كۆمۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىراز ئىلگىرى خەۋەر كەلدى. زاپدا مەھمەتچىك ئەسكەرلىرىمىز تەرىپىدىن ئۈچ تېررورچى بىرتەرەپ قىلىندى. شۇنداق قىلىپ، يېقىنقى 4 كۈن ئىچىدە ئۇجۇقتۇرۇلغان تېرورلۇق ئۇنسۇرلىرىنىڭ سانى 21 گە يەتتى. «ئىنشائاللاھ بۇ كۈرەش چېگرالىرىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغۇچە داۋاملىشىدۇ. بۇ ھەقتە قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز ۋە بۇنىڭغا يېتەرلىك قۇدرىتىمىزمۇ بار» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
«تۈركىيە-قاتار غەززە ئۈچۈن ياخشىلىق پاراخوتى» بۈگۈن يولغا چىقىدۇ
«تۈركىيە-قاتار غەززە ئۈچۈن ياخشىلىق پاراخوتى» بۈگۈن تۈركىيەنىڭ مەرسىن ۋىلايىتىدىن يولغا چىقىدۇ.