چاۋۇشئوغلۇ: سۇداندىكى تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشتۇق

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سۇداندىكى توقۇنۇشنى توختىتىش ئۈچۈن تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1977393
چاۋۇشئوغلۇ: سۇداندىكى تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليانىڭ ماناۋگات ناھىيەسىدە بەرگەن باياناتىدا، سۇداندىكى ئارمىيە بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار ھەققىدە توختالغاندا، «ھەر ئىككى تەرەپ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز بولىدۇ، ئۇنداقتا نېمىشقا بىر تەرەپنىلا قوللىغۇدەكمىز؟» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سۇداندىكى توقۇنۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن كۆرۈشكەنلىكلىرىنى، بۈگۈن ئۇرۇش توختىتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلدى.

رايوندىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايدا تاكى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر تۇرۇشىنى، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ئېھتىياجلىرى بولسا تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ ھاۋا ساھەسى ئېچىلغاندىن كېيىن قايتىشنى خالايدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنى سۇداندىن ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن تۈركىيەدىن ياردەم سورىغانلىقىنى، چۈنكى تۈركىيەنىڭ ئىشەنچلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ دۇنيادا كۈچ رىقابەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نىشانىدىن ئاداشقانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى، ھەمدە بۇنداق دەۋردە تۈركىيە قاتارلىق مۇھىم دۆلەتلەرگە ئېھتىياج بارلىقىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر