تۈركىيەنىڭ بالىلار نوپۇسى ياۋروپانىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى
ئۆتكەن يىلى (2022) نىڭ ئاخىرىغىچە 22 مىليون 578 مىڭ 378 دەپ بېكىتىلگەن تۈركىيەنىڭ بالىلار نوپۇسى، دۆلەت نوپۇسىنىڭ %26.5 نى تەشكىل قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2022-يىلدىكى بالىلار ئىستاتىستىكا رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى.
ئادرېسنى ئاساس قىلغان نوپۇس تىزىملاش سىستېمىسىنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىيەنىڭ نوپۇسى 85 مىليون 279 مىڭ 553 بولۇپ، بۇنىڭ 22 مىليون 578 مىڭ 378 ى بالا.
بالىلار نوپۇسىنىڭ %51.3 ى ئوغۇللار، %48.7 ى قىزلار.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ بالىلار نوپۇسى ئانالىز قىلىنغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2022-يىلدىكى بالىلار نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى %18.1 بولغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە، بالىلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەردىن ئىرېلاندىيەدە %23.6، فىرانسىيەدە %21.3، شىۋېتسىيەدە %21 ئىكەن.
بالىلار نوپۇسى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەردىن تەرتىپى بىلەن ئىتالىيەدە %15.6، پورتۇگالىيەدە %15.8، مالتادا %15.9 ئىكەن.
تۈركىيەنىڭ بالىلار نوپۇسىنىڭ نىسبىتى %26.5 ئىكەنلىكى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.