خۇلۇسى ئاقار تېررورچىلارنىڭ ئۆزلىرى كولىغان ئورەكلىرىگە كۆمۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۆزلىرى كولىغان ئورەكلىرىگە كۆمۈلۈۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق لاگېرلىرىنىڭمۇ يەر بىلەن يەكسان قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1975657
خۇلۇسى ئاقار تېررورچىلارنىڭ ئۆزلىرى كولىغان ئورەكلىرىگە كۆمۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىتىرى خۇلۇسى ئاقار قەيسەرىدە پۇقرالار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە كۈچلۈك ۋە بۈيۈك تۈركىيەگە ئايلىنىش يولىدا قەتئىيلىك بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقلىرىنى بايان قىلىپ، دۆلەتنىڭ يۈكسېلىشى ۋە كۈچىيىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرسىنىڭ بىخەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

خۇلۇسى ئاقار: «40 يىلدىن بېرى مۇسەللەت بولغان تېررورلۇق بالاسىدىن ئېسىل مىللىتىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ھەر قانداق ئىشنى قىلىۋاتىمىز. دۆلەت ئىچى تاماملاندى. ئەمدىلىكتە تېررورچىلار سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۆزلىرى كولىغان ئورەكلىرىگە كۆمۈلۈۋاتىدۇ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق لاگېرلىرىمۇ يەر بىلەن يەكسان قىلىنىۋاتىدۇ. پاناھجايلىرى، يوشۇرۇنۇش ئورۇنلىرى ۋە ئۇۋىلىرى باشلىرىغا يىقىلىۋاتىدۇ» دېدى.

تېررورچىلارنىڭ ئارقىسىدا مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۈرەشنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان خۇلۇسى ئاقار: «ئەسكەرلىرىمىز زور قەھرىمانلىق بىلەن تېررورچىلارغا زەربە بەرمەكتە. بىز تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھازىر گۇمران بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنى توسۇشقا ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتىنى نەپەس ئالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلار بار. بۇنىڭ بىھۇدە ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ تېررورلۇقنىڭ يىمىرىلىشىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلىشى لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر