سۇلايمان سويلۇ تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەت ئىچىدە يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەت ئىچىدە يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەتكە قايتا كىرىشىگە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇلايمان سويلۇ ئىستانبۇلدا قاتناشقان بىر پروگراممىدا تېرورلۇققا قارشى ئېلىپ بېرىلغان مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈرەش ھەققىدە توختالدى. تۈركىيەنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنىڭ ئىلگىرى كۆپ قېتىم بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەردىن باشقا يەنە، ئۆي، مەسچىت، كۇتۇپخانىلارنىڭمۇ كۆيدۇرۇلگەنلىكى ۋە ئۆرۈپ تاشلانغانلىقىنى، شەھەرلەرنىڭ سودا، ئىقتىساد، سەھىيە شۇنداقلا مائارىپ ھاياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سۇلايمان سويلۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاپەتتىن كېيىن شەھەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «(جۇمھۇر رەئىسىمىز) شەرقتە ۋە شەرقىي جەنۇبتا يۈز بەرگەن بۇ خىل ناھەقچىلىقلاردىن كېيىن ئۇ يەردىكى خەلقنى يالغۇز تاشلاپ قويمىدى. ئۇلارنى تىك تۇرغۇزدى. دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئىللىقلىقىنى كۆپچىلىككە، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئەڭ يىراق بۇلۇڭلىرىغىچە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى» دېدى.
سۇلايمان سويلۇ تېرورلۇقتىن تازىلانغان رايونلاردىن ئەمدىلىكتە نېفىت چىقىرىلىپ، ئىقتىسادقا تۆھپە قوشۇلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.