چاۋۇشئوغلۇ پاناما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پاناما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاناينا تېۋانىي مېنكومو بىلەن كۆرۈشتى.

1975413
چاۋۇشئوغلۇ پاناما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، پانامالىق مەنسەپدىشى مېنكومونى ئىستانبۇلدا كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشوغلۇ يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن پانامانىڭ نامايان قىلغان  ھەمكارلىقى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ: «ئىقتىساد، قاتناش، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ جەھەتتىكى ھەمكارلىقىمىزنى مۇزاكىرىلەشتۇق. پەلەستىن ۋە ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى كۈن تەرتىپىمىزدە ئىدى» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ يەنە، لىۋىيە دۆلەت ئالىي كېڭىشى رەئىسى خالىد ئاممار ئەل مىشرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە نۆۋەتتىكى تەرەققىياتلارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ھەمدە لىۋىيەدە ئادىل، ئەركىن ۋە ئوچۇق سايلاملارنىڭ تەشكىللىنىشىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر