تۈركىيە دانىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە دانىيەدىكى قۇرئان كەرىم ۋە تۈركىيە بايرىقىغا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1975235
تۈركىيە دانىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «دانىيەدە تۈنۈگۈنمۇ يەنە بىر قېتىم مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىم ۋە شانلىق بايرىقىمىزغا قىلىنغان پەسكەشلەرچە ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمىزغا قارىماي، بۇنداق پەسكەشلەرچە ھۇجۇملارغا پىكىر ئەركىنلىكى نامىدىن رۇخسەت قىلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا پوزىتسىيەسىنىڭ دانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە يەتكۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپادا يېقىندىن بۇيان كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان دەرىجىدە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى بولغان بۇ پەسكەشلەرچە ھۇجۇملار  ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرىگە قارشى بىزنىڭ كۆپ تەرەپلىك مۇنبەرلەر ۋە ئىككى تەرەپلىك ساھەلەردىكى تەشەببۇسلىرىمىز شەك-شۈبھىسىز ھالدا ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.»

«دانىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە سەزگۈر پوزىتسىيە تۇتماسلىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. جۈملىدىن دانىيە مىلياردلىغان كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى نەزەرگە ئالمايۋاتىدۇ.»

«رامىزان ئېيىدا داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل قۇتراتقۇلۇقلارنىڭ ئالدى ئېلىنىشى ۋە تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن، دانىيەدىن كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىمىز.»

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارمۇ دانىيەدىكى قۇرئان كەرىم ۋە تۈركىيە بايرىقىنىڭ داۋاملىق ھۇجۇم قىلىنىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنى كىشىلىك ھوقۇق ، پىكىر ئەركىنلىكى ، مەدەنىيەت ۋە زامانىۋىلىق ئۇقۇملىرى بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. بىز ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەر ۋە مىنىستىرلىقلاردىن بۇ ھەقتە دەرھال كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنى كۈتمەكتىمىز.»

دانىيەدە تۈركىيەنىڭ كوپېنھاگېندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا تۈركىيە بايرىقى ۋە قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىنغانىدى.

دانىيەدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئەسەبىي مىللەتچى پايرىئوتېرنې گار لىۋ دەپ ئاتىلىدىغان رادىكال بىر گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ بۇ قۇتراتقۇلۇقى « Danske Patrioter Facebook » سەھىپىسىدە نەق مەيداندىن تارقىتىلغانىدى.

بۇ گۇرۇپپىنىڭ بىر تۈركۈم ئەزالىرى ئىسلامغا ھاقارەت قىلىپ شوئارلارنى توۋلىغان ۋە تۈركىيە بايرىقىغا پەسكەشلەرچە ھۇجۇم قىلغانىدى.

دانىيەدە 24- ۋە 31-مارت كۈنلىرىمۇ تۈركىيەنىڭ كوپېنھاگېن ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىم ۋە تۈركىيە بايرىقىغا ھۇجۇم قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر