چاۋۇشئوغلۇ ئاۋسترىيەدىكى كۆرۈشۈشكە توگگ بىلەن باردى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئاۋسترىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر شاللېنېرگ بىلەن كۆرۈشۈشكە تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى توگگ بىلەن باردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋېيانناغا تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بارغان چاۋۇشئوغلۇ بۇ يەردە ئالدى بىلەن ئاۋسترىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر شاللېنبېرگ بىلەن كۆرۈشىدۇ.
بۇ كۆرۈشۈشكە «Togg T10X» ماركىلىق ئاپتوموبىلى بىلەن بارغان مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋېياننادا ئىشقا ئاشۇرىدىغان بارلىق ئۇچرىشىشلىرىغا توگگ بىلەن بارىدۇ.
چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئاۋسترىيە زىيارىتى دائىرىسىدە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھېلگا شىمىد ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ رەئىسى رافائىل مارىيانو گروسسى بىلەن كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.