مارمارىستا بىر توپ كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى
مۇغلانىڭ مارمارىس ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە 14 قانۇنسىز كۆچمەن ساھىل خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1973095
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارمارىس ساھىل خەۋپسىزلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ساھىل خەۋپسىزلىك خادىملىرى تاپشۇرۇۋالغان ئاخباراتقا ئاساسەن يەل قولۋاقتا بىر توپ كۆچمەننىڭ بارلىقىنى بايقىغان. ەىرېتسىيە ساھىل خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىتتىرىلگەن قولۋاقتىكى 14 كۆچمەن، مارمارىس ساھىل خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان.
كۆچمەنلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.