ئەردوغان: ئامېرىكا-خىتاي زىددىيىتى ھېچكىمگە پايدىلىق بولمىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ھېچكىمگە پايدىسىنىڭ بولمىغانلىقىنى، يېڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭمۇ ھېچكىمگە پايدىلىق بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1971429
ئەردوغان: ئامېرىكا-خىتاي زىددىيىتى ھېچكىمگە پايدىلىق بولمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «كرىتەر» (ئۆلچەم)  ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر بىلەن ئىران-سەئۇدى ئەرەبىستان يېقىنلىشىشى، تاشقى سىياسەتتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختىلىپ: «خەلقئارالىق سىياسەت ئىنتايىن مۇرەككەپ، نۇرغۇن ئېنىقسىزلىقلار بار. ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئېنىقسىزلىقلارنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى بىلەن خەلقئارالىق تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۆزگىرىش ھەققىدىكى مۇنازىرەلەر قايتىدىن ئەۋج ئالدى. يەرشارى رىقابىتىمۇ بۇ تۈزۈمگە تېخىمۇ كۆپ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي ئۆزگىرىشلەر بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا-خىتاي زىددىيىتىنىڭ ھېچكىمگە پايدىلىق بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «يېڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق. چۈنكى يالغۇز كۈرەش قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغان مەسىلىلەر بار. مەسىلەن، كىلىمات ئۆزگىرىشى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش كېرەك بولغان ساھە. تېررورلۇقمۇ بىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق يىڭەلەيدىغان مەسىلە» دېدى.

ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىپ، يەر شارىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «مۇشۇنداق مۇھىم مەسىلىلەر بار ۋاقىتتا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ھەربىي زىددىيەتلەر، مۇقىملىقنى بۇزىدىغان تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ داۋاملىشىۋاتقان نورماللىشىش مۇساپىسىغا ئاكتىپ ھەسسە قوشىدۇ» دېدى.

ئۇ يېڭى دەۋردە تاشقى سىياسەتتە تۈركىيەنىڭ يۆنىلىشىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز تۈركىيەنىڭ يەرشارىدىكى رولىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا سۈرىيەدىكى تېررورلۇق توغرىسىدا توختىلىپ: «تېرورلۇق ئاخىرلاشقىچە داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز. سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە مۇساپىرلارنىڭ قايتىشى مەسىلىلىرىنى بىرلىكتە ھەل قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردە بىز بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر