ئەردوغان لاۋروۋنى قوبۇل قىلدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنى قوبۇل قىلدى.
1971617
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەگە جايلاشقان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى ئۇچرىشىش ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئۇچرىشىشقا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇغا ئىشتىراك قىلدى.