چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە لاۋروۋ بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1971606
چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە لاۋروۋ بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيەنى مەسجىدى ئەقسا (ئەلئەقسا مەسچىتى)غا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى ئۈزۈل – كېسىل توختىتىشقا چاقىردى.

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، پايتەخت ئەنقەرەدىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇمى توغرىسىدا توختىلىپ: «مەن ئىسرائىلىيەنىڭ رامىزان ئېيىدا ھەرەم شەرىفنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە تارىخىي سالاھىيىتىنى دەپسەندە قىلغان بۇ ھۇجۇملىرىغا لەنەت ئوقۇيمەن. بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ئىبادەت قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا قىلغان مۇئامىلىسىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ئادىمىيلىك ئەمەس» دېدى.

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلى كوخېننىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، مەسجىدى ئەقسانىڭ سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى رامىزاندىمۇ مۇشۇنداق بىر سۈركىلىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «بۈگۈن ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئەڭ ئىرقچى ۋە ئەڭ فاشىست بىر سىياسىيونغا بېرىلدى؛ (ئاشقۇن ئوڭ قانات دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىتامار) بېن گۋىرغا بېرىلدى. بىزنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلىدىغان چاقىرىمىز، مەيلى مەسجىدى ئەقساغا قىلىنغان بۇ ھۇجۇملىرىنى — بىر ئاز ئىلگىرى توختاتقانلىقىنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق —، مەيلى ھاۋا ھۇجۇملىرىنى بولسۇن ئۈزۈل – كېسىل توختىتىشىدۇر... تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىسرائىلىيە بىلەن سۆھبەتلەرنى يېڭىدىن باشلىدۇق، ئىسرائىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەرەپلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ بۇ ئىش پەلەستىن دەۋاسىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە داۋاملاشتۇرۇلمايدۇ. پەلەستىن، مەسجىدى ئەقسا ۋە قۇددۇس مەسىلىسى بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىز بولۇپ، بىز ھەر قانداق ۋاقىتتا بۇ مەسىلىلەردە يول قويمايمىز» دېدى.

3-، 4- ئاپرېل كۈنلىرى رۇسىيەنىڭ پايتەختى چاقىرىلغان تۈركىيە، رۇسىيە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىران تۆت تەرىپىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك يىغىنى توغرىسىدىمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ،  مەزكۇر يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلغانلىقى ۋە ئېچىلىشىغا شارائىت ھازىرلىغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى سېرگېي لاۋروۋغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئۇ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن تۆت تەرەپ يىغىنى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «موسكۋادا ھەر قايسى دۆلەتلەر مەيدانى ۋە كۆز قارىشىنى ئوچۇق- ئاشكارا ئىپادىلىدى. بىز بۇ جەرياننىڭ مۇشۇنداق ئوچۇق – ئاشكارا داۋاملىشىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. بىر – ئىككى يىغىندا بارلىق مەسىلىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. بىز ئەمەلىيەتچىلمىز، ئەمما دىيالوگ داۋاملىشىشى كېرەك. كېڭەش يىغىنلىرىنىڭمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا قويۇق ھالەتتە داۋاملىشىشى بارلىق تەرەپلەر ئۈچۈن پايدىلىق» دېدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋمۇ مەنسەپدىشى چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئىككى دۆلەت ۋە خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ رەھبەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى سەمىمىيلىكنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۈگۈنكى يىغىندا مۇناسىۋىتىمىزدە پاراۋۇزلۇق رولىنى ئويناۋاتقان تۈرلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بولۇپمۇ ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى تىلغا ئېلىندى. بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ. مەن شۇنى ئىپادىلىمەكچىمەنكى، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە يادرو ئېنېرگىيەسى يوللاشنى باشلايمىز.

تۈركىيەدە بىر گاز مەركىزى قۇرۇلىدۇ. بىز رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى دۇنيا بازىرىغا يەتكۈزىدىغان بىر مەركەز قۇرۇۋاتىمىز. ئۆتكەن يىلى دۆلەت باشلىقلىرىمىز ۋە رەھبەرلىرىمىز بۇ گاز مەركىزىنى قۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقارغانىدى. بىز بۇ قارارنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يەتكەن بولدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر