مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ نۆل تاشلاندۇق تەشەببۇسى ھەققىدە توختالدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نۆل تاشلاندۇق تەشەببۇسىنىڭ دۇنيادىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ سىياسىتى سۈپىتىدە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1968305
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ نۆل تاشلاندۇق تەشەببۇسى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ب د ت دا 30-مارت خەلقئارا نۆل تاشلاندۇق كۈنى ئالاھىدە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، تۈرك ئۆيىدە تۈركىيەلىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ نۆل تاشلاندۇق لايىھەسىنىڭ بولۇپمۇ ب د ت دا ماقۇللانغان قارار بىلەن دۇنيادا ئۈلگىلىك لايىھەگە شۇنداقلا ب د ت نىڭ سىياسىتىگە ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، 30-مارتنىڭمۇ ئوخشاش قارار بىلەن «خەلقئارا نۆل تاشلاندۇق كۈنى» دەپ تىزىمغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشوغلۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز دۇنيا سىستېمىسىنى، بولۇپمۇ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن قوزغىغان تەشەببۇسنى <دۇنيا بەشتىن چوڭ> دېگەن شۇئار بىلەن يۇقىرى كۆتۈردى. پۈتۈن دۇنيادا بۇ شوئار ئىشلىتىلىشكە باشلاندى. مۇھىتنى ئاسراش مەسىلىسى بىلەن باشقا مەسىلىلەردىمۇ  <دۇنيا بەشتىن چوڭ> دېگەن شۇئار ئەسلىدە بىر ئۆزگىرىشتىن دىرەك بەرمەكتە. دۇنيا تېزلا ئۆزگىرىۋاتىدۇ. نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا سىستېما تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك. تېخىمۇ تېز قارار چىقىرالايدىغان بولىشى لازىم. مۇھىتنى ئاسراش مەسىلىسىدىمۇ شۇنداق، ئۇرۇش مەسىلىرىدىمۇ شۇنداق» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ ب د ت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى، مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر