چاۋۇشئوغلۇ: يەر شارىۋى توقۇنۇشلار چارىسىز ئىنسانلار ئۈچۈن بېسىمنى كۈچەيتتى

تۈركىيە  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەر شارىۋى قىيىنچىلىق ۋە توقۇنۇشلارنىڭ چارىسىز ئىنسانلارغا قارىتا بېسىمىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1967882
چاۋۇشئوغلۇ: يەر شارىۋى توقۇنۇشلار چارىسىز ئىنسانلار ئۈچۈن بېسىمنى كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا كۆچمەنلەر مەسىلىسى دىيالوگ يىغىنى» دا خەلقئارا ئاشلىق كىرىزىسى ئۈستىدە توختالدى.

چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دېدى: «يەر شارىۋى قىيىنچىلىق ۋە توقۇنۇشلار چارىسىز ئىنسانلارغا قارىتا بېسىمىنى كۈچەيتتى. بولۇپمۇ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش يەر شارىۋى ئاشلىق تەلىپىنى ھالقىلىق سەۋىيەگە يەتكۈزدى.»

«مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە بىز دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتۇق. دۆلىتىمىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئىشقا كىرىشتۈرگەن قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن دۇنيادىكى ھەممە ئائىلىلەر ياردەمگە ئېرىشمەكتە. بىز بۇ كېلىشىمنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ  يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭمۇ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مەبلەغ ۋە قەرز پۇلغا ئېرىشىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان ئايرىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە سېلىشتۇرغاندا تەرەققىيات ياردەملىرىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ياردەم قىلغۇچى ئۈچ دۆلەتتىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ قىيىنچىلىقى بار خەلقلەرگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ تۈگۈن سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھالقىلىق رولى رايونىمىز ۋە رايونىمىز سىرتىدىكى ئېنېرگىيە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر