مۇستاپا شەنتوپ دانىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە ۋە تۈركىيە بايرىقىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستاپا شەنتوپ ئالدىنقى كۈنى دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە ۋە تۈركىيە بايرىقىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

1965098
مۇستاپا شەنتوپ دانىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە ۋە تۈركىيە بايرىقىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
mustafa sentop.jpg
fuat oktay.jpg
MSB.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپ تىۋىتتېر ھېسابىدا دانىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە ۋە تۈركىيە بايرىقىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلدى.

مۇستاپا شەنتوپ ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ: «دانىيەدىكى باش ئەلچىخانىمىز ئالدىدا مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمگە ۋە شانلىق بايرىقىمىزغا قىلىنغان رەزىل ھۇجۇمنى ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىشلارغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن. ئىسلامنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بايلىقىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئاشكارا ھۇجۇم قىلغانلارغا قارشى قانۇنىي ھەرىكەتلەرنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن دانىيە دائىرىلىرىنى شۇنداقلا خەلقئارا ئەدلىيە ئورگانلىرىنى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا چاقرىق قىلىمىز» دېدى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتايمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئالدىنقى كۈنى دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە ۋە تۈركىيە بايرىقىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا لەنەت ئوقۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرگە يول قويغان دانىيە دائىرىلىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدىمۇ، «دانىيەدە مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى ۋە شانلىق بايرىقىمىزنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان رەزىل، ۋەھشىي ۋە يىرگىنچلىك ھۇجۇمنى مىللىتىمىز ۋە ئىنسانىيەت نامىدىن ئەيىبلەيمىز» دېيىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر