تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى: تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشى داۋاملىشىدۇ

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى سەدات ئۆنال تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1964491
تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى: تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشى داۋاملىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى سەدات ئۆنال تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ، دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆنال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن «سۈرىيە مەسىلىسى» تېمىلىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە، سۈرىيەدە توقۇنۇشلارنىڭ 13 – يىلىغا قەدەم قويغانلىقىنى، سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۇرۇش ۋە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋەيرانچىلىقى تۈپەيلى ئازاب  - ئوقۇبەت ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان تۈركىيەنىڭ 11  ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن بۇرۇنمۇ سۈرىيەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ تولىمۇ خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى ئېغىر ئەھۋالنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ھالقىلىق ھالغا كەلتۈردى. بۇ ئەھۋال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىنى تېخىمۇ مۇھىم قىلدى.»

ئۆنال سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان كىرىزىسقا سۈكۈت قىلىشنىڭ قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، سىياسىي مۇساپىنى جانلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ  پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ئۆز يۇرتىغا بىخەتەر، ئىختىيارىي يوسۇندا ۋە ئىززەت – ھۆرمىتىگە رىئايە قىلغان ئاساستا قايتىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشنىڭ كىرىزىسقا ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش تىرىشچانلىقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر.»

باش ئەلچى ئۆنال سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە سۈرىيەنىڭ سىياسىي ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئىزچىل ھۆرمەت قىلىپ كەلمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلىتىمىزنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ، دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشى تاكى ئۇلارنىڭ پەسكەش پىلانلىرى ئۈزۈل - كېسىل بىتچىت قىلىنغانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر