مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىمۇ ئەردوغاننى نامزاتلىققا كۆرسەتتى

مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىمۇ ئەردوغاننى نامزاتلىققا كۆرسەتتى مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئىمزا توپلاپ، ئەردوغاننى جۇمھۇر رەئىسلىككە نامزات كۆرسىتىش قارارىنى چىقاردى.

1960989
مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىمۇ ئەردوغاننى نامزاتلىققا كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (14-ماي) ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (پارلامېنتى) دىكى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن چاقىرىپ، 15 – مايدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سايلاملاردا پارتىيە رەئىسى ئەردوغاننى جۇمھۇر رەئىسلىككە نامزات كۆرسىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

يىغىندا، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئىمزاسى بىلەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىككە نامزات كۆرسىتىلىشى توغرىسىدا قارار چىقىرىلدى.

مىللىيەتچى (مىللەتچى) ھەرىكەت پارتىيەسىمۇ ئەردوغاننى نامزات كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىمزا توپلاپ، ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىككە نامزات كۆرسىتىلىشى توغرىسىدا قارار چىقاردى.

ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر ئىتتىپاقىنىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتى ئىكەنلىكى ئالىي سايلام كومىتېتىغا مەلۇم قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر