ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارا ئىئانە قىلغۇچىلار كونفېرانسى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 6 - فېۋرال قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك 20 - مارت دۈشەنبە كۈنى ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارا ئىئانە قىلغۇچىلار كونفېرانسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1958315
ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارا ئىئانە قىلغۇچىلار كونفېرانسى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مۇستاپا ۋارانك، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرەددىن نەباتى بىلەن بىرگە مالاتيا سانائەت رايونىدا ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق ئىئانە قىلغۇچىلار كونفېرانسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ يىغىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى شىۋىتسىيەنىڭ ئورتاق تەشەببۇسى بىلەن  20 - مارت دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇمھۇر رەئىسىمىز يىغىنغا  سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق قاتنىشىدۇ» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ يىغىنغا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرلا ئەمەس، ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭمۇ تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭمۇ يىغىندا زۆرۈر بولغان مەلۇماتلارنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر