قالىن: شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىگە خاتىمە بېرىشى كېرەك

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىگە خاتىمە بېرىش يولىدا تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1957607
قالىن: شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىگە خاتىمە بېرىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا، تۈركىيە – شىۋېتسىيە – ئۈچ تەرەپلىك كېلىشىم لايىھەسى دائىرىسىدە قۇرۇلغان «دائىمىي بىرلەشمە مىخانىزمى» يىغىنى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتچى قالىن   تۈركىيە – شىۋېتسىيە – فىنلاندىيە  دائىمىي بىرلەشمە مېخانىزمى يىغىنىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

قالىن شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى مۇساپىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىگە خاتىمە بېرىش يولىدا تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەك. دەرۋەقە، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تاشلىغۇسى قەدەملىرىگە باغلىق.»

ئىبراھىم قالىن تۈركىيەنىڭ فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىنى كېچىكتۈرۈش ياكى دىققەت چېچىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە دائىمىي بىرلەشمە مېخانىزمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قىممىتى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، شۇنداقلا، بۇ فورماتسىيەدە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ۋىلنىس باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشكە پۈتۈشتى.»

فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ھەرقايسى دۆلەتلەر كېلەر قېتىملىق <دائىمىي بىرلەشمە مېخانىزمى> يىغىنىنىڭ ئەتىيازدا ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىق مۇساپىسى تاماملانغاندىن كېيىنمۇ بۇ ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.»

رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە ئون نەچچە يىلدىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بىتەرەپلىك سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغانىدى.

تۈركىيە 28- ئىيۇن كۈنى ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا چاقىرىلغان  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغان فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنى ۋېتو قىلماقتا.

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا قوللاۋاتقان بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان ئەنقەرە، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەدىن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشىنى كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر