تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى  45 مىڭ 968 گە يەتتى

6 - فېۋرال يۈز بەرگەن ۋە 11 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن قاھرامانماراش مەركەزلىك 7.7 بال ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى  45 مىڭ 968 گە يەتتى.

1954909
تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى  45 مىڭ 968 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ خاتاي ئاپەت ۋە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) ۋىلايەتلىك ماسلاشتۇرۇش مەركىزىدە بايانات ئېلان قىلدى.

سۇلايمان سويلۇ، «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش ۋە 400 كىلومىتىرلىق  يەر يېرىلىشتىن سۆز قىلىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ بىزگە نىسبەتەن مۇھىم ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. چوڭ ئازابلار ۋە چوڭ غەلىبىلەر خەلقلەرنى بىرلەشتۈرىدۇ. مىللىتىمىز بۇ چوڭ ئازابتا كاتتا ئىتتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى.

مىنىستىر سويلۇ يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «ھازىرغا قەدەر خارابىلىك ۋە دوختۇرخانىلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 45  مىڭ 968 كىشىگە يەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 4267 سۈرىيەلىك قېرىندىشىمىز بار» دېدى.

سويلۇ ھازىرغا قەدەر رايوندا جەمئىي 13 مىڭ 722 قېتىم  قوشۇمچە يەر تەۋرەشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋە بۇنىڭ نورمال ئەھۋال ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى ھەمدە پۈتۈن يەر تەۋرەش رايونىدا 332 ۋە  خاتايدا 80 چېدىر شەھىرى قۇرۇپ چىققانلىقىنى تەكىتلەپ، ئاپەتتە ھايات قالغان 1 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ چېدىردا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

سويلۇ خاتايدا 21 مىڭ 895 كونتېينېر ئۆي قۇرۇشنى پىلانلانغانلىقىنى، 3 مىڭ كونتېينېر ئۆينىڭ قۇرۇلۇشى تاماملانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر سويلۇ پۈتكۈل يەر تەۋرەش رايونىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنىڭ ئېنىقلانغان سانىنىڭ 2 مىليون 141 مىڭ كىشىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر