مالاتيادا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئىككى كىشى قازا قىلدى

مالاتيادا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن  5.6 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، ئىككى كىشى قازا قىلدى، 140 كىشى يارىلاندى.

1952727
مالاتيادا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئىككى كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن (27-فېۋرال) مالاتيا ۋىلايىتىنىڭ يېشىليۇرت ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن  5.6 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئىككى كىشى قازا قىلغان، 12 سى ئېغىر 140 كىشى يارىلانغان، 32 كىشى خارابىلىك ئاستىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 40 كىشى دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان.

باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن 31 بىنانىڭ يەتتىسىدە ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى تاماملانغان بولۇپ، 650 كىشىدىن تەشكىل تاپقان ئەترەتلەرنىڭ باشقا بىنالاردىكى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر