دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى غازىئانتەپنى زىيارەت قىلدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش مۇدىرى تىدروس ئادخانوم گېبرېيېسۇس تۈركىيەنىڭ يەر تەۋرەشلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلىرىدىكى دالا دوختۇرخانىلىرى ۋە چېدىر شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئالاقىدار مەسئۇللاردىن ئۇچۇر ئىگىلىدى.

1952808
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى غازىئانتەپنى زىيارەت قىلدى
dso ghebreyesus deprem.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېبرېيېسۇس 6 – فېۋرالدا مەيدانغا كېلىپ 11 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن، تۈركىيە خەلقى بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش، سەھىيە خادىملىرى، خىزمەتچىلەر ۋە يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلار بىلەن كۆرۈشۈش مەقسىتىدە تۈنۈگۈن (27-فېۋرال) غازىئانتەپكە يېتىپ كەلدى.

گېبرېيېسۇس دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى  ياۋرو رايونى باش دىرېكتورى خەنس كلوگېنىڭ ھەمراھلىقىدا بۈگۈن خاتاينىڭ قىرىقخان ناھىيەسىدىكى بېلگىيە تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان دالا دوختۇرخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، سەھىيە خادىملىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇ يەردە سۆز قىلىپ: «دۆلەتلىك داۋالاش قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى» دېدى.

تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك سىن كۆرۈنۈشى ۋە سۈرەتلەرنى ھەمبەھىرلىگەن  گېبرېيېسۇس، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى دوكتور ئەسرا پاچاجىدىن مەلۇمات ئېلىۋاتقان سۈرەتكە قىستۇرما قىلىپ، «بۇ ئېغىر كىرىزىستە بىرلىكتە خىزمەت قىلغان بارلىق مۇتەخەسسىسلەرگە رەھمەت» دەپ يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر