ئەردوغان غازىئانتەپنىڭ ئىسلاھىيە رايونىدىكى كونتېينېر شەھىرىنى زىيارەت قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىز شەھەر مەركىزىدە قۇرماقچى بولغان 200 مىڭ ئۆي ئۈچۈن گېئولوگىيە ۋە يەر ئۈستى تەكشۈرۈشى تاماملانغان رايونلاردا تۇنجى توختامنى ئىمزالىدۇق» دېدى.
1949673
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 6 - فېۋرالدا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ۋىلايەتلەردىن بىرسى بولغان غازىئانتەپنىڭ ئىسلاھىيە رايونىدىكى كونتېينېر شەھىرىنى زىيارەت قىلدى.
يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغان شەھەرلەردە 1797 ئۆينىڭ قۇرۇلۇش قەدىمىنىڭ بۈگۈن باشلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئەردوغان: «بىز شەھەرلىرىمىزنى يېڭى چۈشەنچە بىلەن بىخەتەر ۋە خاتىرجەم ئولتۇراق رايونغا ئايلاندۇرۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز» دېدى.