چاۋۇشئوغلۇ: مۇساپىرلارنىڭ سۈرىيەدىن تۈركىيەگە سەلدەك ئېقىۋاتقانلىقى يالغان

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن مۇساپىرلارنىڭ سۈرىيەدىن تۈركىيەگە سەكدەك ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1945909
چاۋۇشئوغلۇ: مۇساپىرلارنىڭ سۈرىيەدىن تۈركىيەگە سەلدەك ئېقىۋاتقانلىقى يالغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، پايتەخت ئەنقەرەدە لىۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى نەجلا ئەلمەنگۇش بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، 6 –فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن ۋە سۈرىيەگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن مۇساپىرلارنىڭ سۈرىيەدىن تۈركىيەگە سەلدەك ئېقىۋاتقانلىقىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

چاۋۇشئوغلۇ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنىڭ ياخشى نىيەتلىك ئىش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا (سۈرىيەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن) تۈركىيەنىڭ چېگرا ئېغىزلىرىدىن ئۆتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتۇق. مەسىلىنىڭ تېگى – تەكتى مانا مۇشۇ.  بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ جايلاشقان رايونلارغا چېگرا ئېغىزلىرىمىزنى ئاچقانلىقىمىز، ياكى بۇ چېگرا ئېغىزلىرىدىن سۈرىيەلىكلەرنىڭ سەلدەك ئېقىپ كىرىشكە باشلىغانلىقى يالغان.»

«بۇ چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئوچۇق بولۇشى پەقەت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ (سۈرىيەلىكلەرگە) يەتكۈزۈپ بېرىلىشى ئۈچۈندۇر. يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ياخشى نىيەتلىك ئىش ئەمەستۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر