گرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادانادا زىيارەتتە بولماقتا
گرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىياس ئادانادا مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى.
1945354
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىياس 6 – فېۋرالدا يۈز بەرگەن ۋە «بۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاپىتى» دەپ باھا بېرىلگەن قاھرامانماراش مەركەزلىك 7.7 ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئاداناغا يېتىپ كەلدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئادانا شاكىرپاشا ئايرودورومىدا دېندىئاسنى قارشى ئالدى.
ئىككى رەھبەر ئايرودورومدا ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ گرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىياس بىلەن مۇزاكىرىلەردە بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.