ئەردوغان دىيارباكىردىكى ئاپەت رايونىنى تەكشۈردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، يەر تەۋرەشتە گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن يۈز مىڭلارچە تۇرالغۇنىڭ قايتىدىن سېلىنىدىغانلىقىنى، ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان شەھەرلەرنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1945226
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دىيارباكىردىكى چېدىر شەھەردە بايانات بەردى؛ «بىز (6 – فېۋرال) يەكشەنبە كۈنى باشتىن كەچۈرگەن 7.7، ئارقىدىن يۈز بەرگەن 7.6 بال يەر تەۋرەشلەر، دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پاجىئە بولغان 1999 – يىلىدىكى يەر تەۋرەشتىن ئۈچ ھەسسە شىددەتلىك، ئۈچ ھەسسە ۋەيران قىلغۇچ بولدى» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملىرىمۇ دۆلىتىمىز باشتىن كەچۈرگەن يەر تەۋرەشنىڭ چوڭلۇقى ۋە ۋەيران قىلغۇچلۇقى مەسىلىسىدە ھەمپىكىر. بۇ ئەسىرنىڭ پاجىئەسى، دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ يەر تەۋرەش، 1000 كىلومېتىر جايدا ھېس قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، 500 كىلومېتىرلىق جايغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلدى» دېدى.