ئالتۇن: تۋىتتېر تۈركىيەنىڭ ئۇچۇر بۇلغىنىشىغا قارشى كۈرىشىنى قوللاشنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئۇچۇر بۇلغىنىشىنىڭ دېموكراتىيە، ئىجتىمائىي تىنچلىق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1944456
ئالتۇن: تۋىتتېر تۈركىيەنىڭ ئۇچۇر بۇلغىنىشىغا قارشى كۈرىشىنى قوللاشنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ تۈنۈگۈن تۋىتتېر شىركىتى ۋەكىللىرى بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۋىتتېر دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇچۇر بۇلغىنىشىغا قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقان فاھرەتتىن ئالتۇن: «ئۇچۇر بۇلغىنىشى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، شۇنداقلا دېموكراتىيە، ئىجتىمائىي تىنچلىق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ. بىز ئالدىمىزدىكى كۈن ۋە ھەپتىلەردە تىۋىتتېر بىلەن تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

تۋىتتېر ۋەكىللىرى تۈنۈگۈن تۈركىيە تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇچۇر بۇلغىنىشىغا قارشى كرەش قىلىش، يالغان مەلۇم قىلىش ئۇچۇرلىرى ۋە يالغان يالغان خەۋەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساختا ئادرېسلارغا تېز سۈرئەتتە چارە كۆرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تۈركىيە بىلەن تولۇق ھەمكارلىق ئورنىتىشنى قوبۇل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر