ئەردوغان: ئاپەت رايونلىرىدا 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلدۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاھرامانماراش قاتارلىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن 10 ۋىلايەتتە ئۈچ ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

1943249
ئەردوغان: ئاپەت رايونلىرىدا 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى دۆلەت ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش مەركىزىدە، مەركىزى قاھرامانماراش بولغان تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئەردوغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «پەقەت جۇمھۇرىيتىمىز تارىخىدىكىلا ئەمەس، جۇغراپىيەمىز ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپەتلەردىن بىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز.»

«بۇ ئاپەت جەريانىدا 3549 پۇقرامىز قازا قىلدى، 22 مىڭ 168 پۇقرامىز جېنىدىن ئايرىلدى. ئەڭ چوڭ تەسەللىمىز، ھازىرغىچە 8 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرامىزنىڭ خارابىلىكتىن قۇتقۇزۇۋېلىنىشى بولدى.»

«ئاساسىي قانۇننىڭ 119 – ماددىسىغا ئاساسەن، جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشنى قارارلاشتۇردۇق. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن 10 ۋىلايىتىمىزنى ئومۇمىي ھاياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاپەت رايونى ئېلان قىلدۇق.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھازىرغىچە ئاپەت رايونلىرىغا 54 مىڭ چېدىر، 102 مىڭ كارىۋات ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھازىر 53 مىڭ 317 ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىمىمىز ۋە ياردەمچى خادىملىرىمىز ئاپەت رايونلىرىدا جىددىي خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ. ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى تۈركىيە ۋە چەت ئەللەردىن كەلگەن ئەترەتلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بارغانسېرى كۈچلەنمەكتە.»

«قوراللىق ساقچى قىسىملىرىمىز، مىڭلىغان مۇتەخەسسىس خادىملىرىمىز 26 يۈك ئايروپىلانى بىلەن، ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىمىز پاراخوت ۋە كېمىلىرى بىلەن ئاپەت رايونلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. مىڭغا يېقىن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى، 241 UMKE (دۆلەتلىك داۋالاش - قۇتقۇزۇش ئەترىتى) ۋە ئىككى قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى ۋە 5 مىڭ سەھىيە خادىمى رايونغا ئەۋەتىلدى.»

ئەردوغان ھازىرغىچە 70 دۆلەت ۋە 14 خەلقئارالىق تەشكىلاتتىن ياردەم تەكلىپى ئالغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «18 دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى بىزگە تېلېفون قىلىپ، ياردەم تەكلىپىدە بولدى. دۆلىتىمىزنىڭ بۇ مۇسىبەتلىك كۈنىدە ياردەم بېرىش ۋە قوللاش ئۈچۈن تەكلىپ سۇنۇپ، بىزگە تېلېفون قىلغان، تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىغان بارلىق دوستلىرىمىزغا، پۈتكۈل دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر