31 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن 15 ئايلىق بوۋاق قۇتقۇزۇۋېلىندى

قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن مەندەرەس مەھەللىسىدىكى بىر بىنانىڭ خارابىلىكىدىن ئارىدىن 31 سائەت ئۆتكەندە 15 ئايلىق بىر بوۋاق قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1943212
31 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن 15 ئايلىق بوۋاق قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى قاھرامانماراش ۋىلايىتىنىڭ پازارجىك ۋە ئەلبىستان ناھىيەلىرى بولغان 7.7 ۋە 7.6 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا قالغانلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، 10 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ خارابىلىكى ئاستىدا ئۇدا 31 سائەت قالغان 15 ئايلىق مەريەم ئىشىق ئىسىملىك بوۋاق قۇتقۇزۇۋېلىندى.

بوۋاقنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئارقىلىق دوختۇرخانىغا ئەۋەتىلدى.

ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى، مەريەم بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭمۇ خارابىلىكنىڭ ئاستىدا قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى بوۋاق قۇتقۇزۇۋېلىنغان جايغا مەركەزلەشتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر