ئاقار: ئىراقتا تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇۋاتىمىز

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتا تېررورچىلارنىڭ ھەربىي بازىلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1940646
ئاقار: ئىراقتا تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇۋاتىمىز

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي بازىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، «پات - پات بۇنداق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى، ھۇجۇملار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. تۈركىيە ئارمىيەسىمۇ بۇ ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان تېررورچىلارغا دەل ۋاقتىدا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

مىنىستىر ئاقار تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە،ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنى ھارپىسىدا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشىنىڭ كەسكىن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ كۈرەش تاكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. سۈرىيەنىڭ شىمالىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدا، كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان زوراۋانلىققا قارشى كۈرەشنى كەسكىن داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. دەرۋەقە، تېررورىزمنى ۋە تېررورچىلارنى ئۆز ئۇۋىسىدا تېز سۈرئەتتە يوقىتىش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. قەھرىمان قىسىملىرىمىز، قاتتىق سوغۇق ۋە قاتتىق قارغا قارىماي، قەتئىي ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن قەھرىمانلارچە كۈرىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. پات - پات بۇنداق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى، ھۇجۇملار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. قەھرىمان قىسىملىرىمىزمۇ بۇ ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان تېررورچىلارغا دەل ۋاقتىدا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇۋاتىدۇ. ھەممە شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ كۈرەش تاكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر