دانىيە باش ئەلچىسى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

دانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى داننىي ئانناننى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

1938814
دانىيە باش ئەلچىسى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، دانىيەنىڭ قۇرئان كەرىمگە ھاقارەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى رۇخسەت قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ،  دانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى داننىي ئانناننى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بۈگۈن دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پائالىيەتكە رۇخسەت قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ مىنىستىرلىككە چاقىرتىلغانلىقى بىلدۈردى.

باياناتتا: «باش ئەلچىگە ئوچۇق – ئاشكارا ئۆچمەنلىك جىنايىتى ماھىيىتىدىكى بۇ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىگە رۇخسەت قىلىنىشىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيدىغانلىقىمىز ۋە دانىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى يەتكۈزۈلدى. بۇ ھەرىكەتكە يول قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمىز تەكىتلەندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر