تۈركىيە شىۋىتسىيەنى تۈركىيەگە قارشى تەتۈر تەشۋىقاتلارغا يول قويغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا تەۋە گۇرۇپپىلارنىڭ تۈركىيەگە قارشى تەتۈر تەشۋىقات ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1936108
تۈركىيە شىۋىتسىيەنى تۈركىيەگە قارشى تەتۈر تەشۋىقاتلارغا يول قويغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىۋىتسىيەدە پ ك ك غا قاراشلىق گۇرۇپپىلار تەشكىللىگەن نامايىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا قۇرئانغا قىلىنغان پەسكەشلەرچە ھۇجۇمغا يول قويۇلغاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا باشلانغان تۈركىيەگە قارشى نامايىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «بۇ قېتىم شەھەر مەركىزىدە پ ك ك غا تەۋە گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن دۆلىتىمىزگە قارشى تەتۈر تەشۋىقات ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويۇلغانلىقىنى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى ھەمدە بۇ ھەرىكەتنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى توسۇشقا دائىر شىۋىتسىيەمۇ ئىمزا قويغان ئۈچ تەرەپ ئەھدىنامىسىغا ئۇچۇق ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىق بولغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، «ئۈچ تەرەپ ئەھدىنامىسىدىكى ۋەدىلەرگە سادىق ئىكەنلىكىنى جاكارلاش بىلەن بۇ ۋەدىلەرنى ئورۇنداش ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ئىككى مەسىلىدۇر. شىۋىتسىيەنىڭ ئۈچ تەرەپ ئەھدىنامىسىدىكى ۋەدىلىرىگە بىنائەن بولۇپمۇ تېرورلۇققا قارشى كۈرەش جەھەتتە  قۇرۇق گەپتىن بەكرەك كونكرېت ۋە ئۈنۈملۈك قەدەملەرنى تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمىز» دېيىلدى.

دانىيەلىك ئاشقۇن ئوڭچى تار يۆنىلىشلىك پارتىيە (Stram Kurs) نىڭ رەھبىرى راسمۇس پالۇدان تۈركىيەنىڭ ستوكھولىمدىكى باش ئەلچىخانىسى يېنىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكىدە بولغان ئىدى.

ئارقىدىنلا پ ك ك/ي پ گ نىڭ قوللىغۇچىلىرى پايتەخت ستوكھولمنىڭ نوررا بانتورگېت مەيدانىغا يىغىلىپ، شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش جەريانىدا تۈركىيە بىلەن تۈزگەن ئەھدىنامىسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

تۈركىيە 28 - ئىيۇندا ئىسپانىيەنىڭ پايتەخىتى مادرىدتىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى سۇنغان فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنى ۋىتو قىلغان  ئىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارە قوللاۋاتقان بۇ ئىككى دۆلەت كېيىن تۈركىيە بىلەن ئەھدىنامە ئىمزالىغان بولۇپ، تۈركىيە ئەھدىنامىدىكى ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشىنى كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر