تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەرىكەتلىرى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشماقتا
دىيارباكىر يېزىلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلدى.
1936152
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسى يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتكە 645 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قاتناشتى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە بىر پاناھجاي ئېنىقلاندى.
پاناھجايدىكى ئاختۇرۇش جەريانىدا بىر مىناميوت ئوقى ۋە 144 كىلوگرام زەھەرلىك چېكىملىك قولغا چۈشۈرۈلدى.