ئاقار گىرۇزىيە  پارلامېنتى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار گىرۇزىيە پارلامېنتى دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى.

1935592
ئاقار گىرۇزىيە  پارلامېنتى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى بىلەن گىرۇزىيە پارلامېنتى دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان ھەيئەتنىڭ ئۇچرىشىشى، پايتەخت ئەنقەرەدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق شەكىلدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، مىنىستىر ئاقار تەخمىنەن 30 دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن بىرلىكتە، بۈگۈن گېرمانىيەدە چاقىرىلىدىغان «ئۇكرائىنا مەسىلىسى» تېمىلىق يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ رامستېين ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا چاقىرىلىدىغان «ئۇكرائىنا ئۈچۈن مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى يىغىنى» دا، ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

مۆلچەرلىنىشىچە، يىغىندا 2022 - يىلى 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى دائىرىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر