قالىن بولتونغا نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىرىدىن جون بولتوننىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملارغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1935494
قالىن بولتونغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىلگىرى تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسلىرىنى قوللىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولتوننىڭ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملارغا مۇداخىلە قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئىرادىسىنى كونتىرول ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇش بىھۇدە ئاۋارىچىلىقتۇر. ئەي بولتون! مۇستەملىكىچى ۋالىيدەك رول ئوينايدىغان كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر