چاۋۇشئوغلۇ: خوستوندىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى كۈرىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خوستون رايونىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتتى.

1935530
چاۋۇشئوغلۇ: خوستوندىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى كۈرىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تېكساس ئىشتاتىنىڭ خوستون شەھىرىدىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسىنىڭ يېڭى مۇلازىمەت بىناسى، مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتناشقان مۇراسىم ئارقىلىق خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.

چاۋۇشئوغلۇ مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: « يەرشارىۋى تۈزۈم كۆپ قىرلىق كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھالقىلىق بىر مەزگىلدە، بىز تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىۋاتىمىز.»

ئۇ بىر كۈن ئىلگىرى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئۇچرىشىشلىرىمىز ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئۆتتى. بىزنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/پ ك ك، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئېمبارگولاردىن ئىبارەت بىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر بار. بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خوستون  رايونىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى كۈرىشىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتىمەن. پۇقرالىرىمىز بىلەن بىرلىكتە بۇ تەشكىلاتقا قارشى كۈرىشىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر