تۈركىيەدە 5466 تەرتىپسىز كۆچمەن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى

تۈركىيەدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 5466 تەرتىپسىز كۆچمەن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

1935318
تۈركىيەدە 5466 تەرتىپسىز كۆچمەن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەرتىپسىز كۆچمەنلەرگە قارشى  كۈرەش ۋە كۆچمەنلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش پائالىيەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.

بۇ پائالىيەتلەر داۋامىدا، 1 – يانۋاردىن 19 – يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا، 7 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ئافغانىستانغا قايتۇرۇلغان 1225 كۆچمەن بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي   2215 چەت ئەللىك ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلغان.

شۇنىڭ بىلەن،  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ سانى 5466 گە يەتكەن.

بۇلتۇر 235 ى ئافغانىستانغا، ئىككىسى پاكىستانغا بولۇپ، جەمئىي 124 مىڭ 441 تەرتىپسىز كۆچمەن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر