«فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
1932577
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزالىرىنىڭ تۈنۈگۈن بىر ھەربىي بازىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسى نەتىجىسىدە، تانكېر مۇتەخەسسىسى سېرژانت سەلچۇق قۇرتنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى ۋە دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا دۇچار قىلغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىدىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىمىزغا ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە سەۋر - تاقەت تىلەيمىز ھەم تەزىيە بىلدۈرىمىز.»