تۈركىيە باش ئەلچىسى ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتىغا ئىشەنچ مەكتۇبى تاپشۇردى

تۈركىيەنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىسى شاكىر ئۆزكان تورۇنلار ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساق ھېرزوگقا ئىشەنچ مەكتۇبىنى تاپشۇردى.

1931235
تۈركىيە باش ئەلچىسى ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتىغا ئىشەنچ مەكتۇبى تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىسى شاكىر ئۆزكان تورۇنلار ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ تەرىپىدىن غەربىي قۇددۇستىكى ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتلىق بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قوبۇل قىلدى.

ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغان مۇراسىمدىن كېيىن، شاكىر ئۆزكان تورۇنلار ھېرزوەقا ئىشەنچ مەكتۇبىنى تاپشۇردى.

ئىسىرائىلىيە بىلەن تۈركىيە 2022-يىلى بويىچە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن قەدەملەرنى تاشلىغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ 2022-يىلى مارتتا ئەنقەرەنى زىيارەت قىلغان، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ماي ئېيىدا ئىسىرائىلىيەنى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى يائىر لاپىدمۇ ئىيۇن ئېيىدا تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان ئىدى.

تۈركىيە بىلەن ئىسىرائىلىيە 2022-يىلى 17-ئاۋغۇست دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىش ۋە ئۆزئارا باش ئەلچى تەيىنلەشنى قارار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر