چاۋۇشئوغلۇ شاۋا بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى زىمبابېۋېدا زېمبابۋې تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە سودا مىنىستىرى فرېدېرىك شاۋا بىلەن كۆرۈشتى.

1931300
چاۋۇشئوغلۇ شاۋا بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچرىشىش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ: «ھارارېدا زىمبابۋې تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى شاۋا بىلەن ئىقتىساد، سېلىنما، سودا ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردۇق. رەسمىي ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر